باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا قازا قىلغان ۋە ئېغىر يارىلانغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى

2013.04.18 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئاپرىل ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھرىدىكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا جۇڭگولۇق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قازا قىلىپ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ ئالاقىدار تارماقلار ئارقىلىق قازا قىلغان ئوقۇغۇچىغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغان ئوقۇغۇچىدىن ۋە بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.».(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۆنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بوستوندىكى مارافونچە يۈرگۈرۈش مەيدانىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە جۇڭگولۇق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقى، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ھەر قايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قازا قىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشتى، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە