جۇڭگودا H7N9قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كېسەل 82 گە يەتتى
17 ئادەم قازا قىلدى
2013.04.18 16:30 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 17-چىسىلا جۇڭگو سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 17- ئاپرېلسائەت 17 گىچە، مەملىكەت بويىچە دوكلات قىلىنغانH7N9قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىق دىئاگنوزى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كېسەلنىڭ 82گە يەتكەنلىكى، بۇلاردىن 5ىنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى، 17سىنىڭ ئۆلگەنلىكى، قالغان 60ىنىڭ نۇقتىلىق داۋالاش ئورۇنلىرىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. (مۇخبىر سۈن تيېشياڭ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە