باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ۋە پاكىستاننىڭ چېگرىسىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە 40 كىشى قازا قىلدى

2013.04.18 16:32        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئىران-پاكىستان چېگرىسىدا 16-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن قاتتىق يەر تەۋرىدى، 17-ئاپرېلغىچە يەر تەۋرەشتە پاكىستاندا ئىچىدە 40 كىشى قازا قىلدى، 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلاندى، ئىراندا بەش كىشى يارىلاندى.

  پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان چېگرىسىدىكى مەشگەر رايونىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، قاتتىق يەر تەۋرەشتە بۇ رايوندا 34 كىشى قازا قىلغان، 150 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. مەشگەر رايونى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى نەچچە يۈز ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

  پاكىستان پىرېزىدېنتى زەردارى ۋە قارانچۇق باش مىنىستىر مىل ھەزەر خان خوسو يەر تەۋرەشتە كۆرۈلگەن ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىغا چوڭقۇر قايغۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە