باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىيەسىگە دائىر تۇنجى مەخسۇس تېمىلىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2013.04.17 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 16-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، «جۇڭگو قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك ئىشلىتىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پولكوۋنىك ياڭ يۈجۈن مۇنداق دېدى، «بۇ ئاق تاشلىق كىتاب جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1998-يىلىدىن بۇيان ئېلان قىلغان دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر 8-قېتىملىق ئاق تاشلىق كىتاب، شۇنداقلا تۇنجى مەخسۇس تېمىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى ئاق تاشلىق كىتابى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ۋە مەخسۇس تېمىلىق ئاق تاشلىق كىتابلارنى نۆۋەت بىلەن ئېلان قىلىش، تەرتىپلىك بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىغا جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە