- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئايرىمخانا ھەققى ۋە ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى رەتكە سېلىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارماقچى
2013.04.17 17:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن دەنياڭ 16-ئاپرېل مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يېقىندىن بۇيان جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى بېكىتىش، ئايرىمخانا ھەققى ئېلىش قاتارلىق ھادىسىلەرگە قارىتا مۇنداق دېدى، سودا مىنىستىرلىقى يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە «ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇش، ئىسراپخورلۇق ۋە بۇزۇپ چېچىشقا قارشى تۇرۇش» خىزمىتىنى قاتتىق يولغا قويۇش داۋامىدا، ئايرىمخانىلارغا ھەق ئېلىش ۋە ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى بېكىتىش قىلمىشلىرىنى ئېنىقلاپ ۋە رەتكە سېلىپ، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە باھادا ھىيلە ئىشلىتىش، ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرۇش قىلمىشلىرىنى قاتتىق مەنئى قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە