- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى مادۇرونىڭ پىرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى
2013.04.17 16:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ۋېنېسۇئېلا دۆلەتلىك سايلام كومىتېتى 14-ئاپرېل مۇۋەققەت پىرېزىدېنت مادۇرونىڭ پىرېزىدېنت سايلىمىدا ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلغاندىن كېيىن، برازىلىيە، مېكسىكا، ئارگېنتىنا، كولومبىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ 15-ئاپرېل مادۇرونىڭ پىرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى تەشكىلاتى شۇ كۈنى ۋېنېسۇئېلانىڭ بۇ قېتىمقى سايلام بېلىتىنى قايتىدىن ھېسابلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
برازىلىيە پىرېزىدېنتى رۇسىف 15-ئاپرېل مادۇرو بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئۇنىڭ پىرىزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېسۇئېلا سايلىمىغا ئالاھىدە ئەۋەتكەن كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كارلوس ئارۋالېس 15-ئاپرېل ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مادۇرونىڭ يېڭى پىرىزىدېنت بولغانلىقىدەك نەتىجىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 15-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، مادۇرونىڭ ۋېنېسۇئېلانىڭ يېڭى پىرىزىدېنتى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئارگېنتىنا پىرىزىدېنتى كىرىستىنا 15-ئاپرېل مادۇرونى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋېنېسۇئېلانىڭ سابىق پىرىزىدېنتى چاۋىسنىڭ «لاتىن ئامېرىكىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش يولىدا» قەتئىي چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى. كولومبىيە بىلەن گۋاتېمالا ھۆكۈمىتى 15-ئاپرېل مادۇرو ۋە ۋېنېسۇئېلا خەلقىنى تەبرىكلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە