باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇبارەك قويۇپ بېرىلدىمۇ؟(1)

2013.04.17 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە مىسىر سوت مەھكىمىسى باستۇرۇش دېلوسىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، سابىق پىرېزىدېنت مۇبارەكنى قويۇپ بېرىش بويرۇقى چۈشۈردى، ئەمما ئۇ ھازىر چىرىكلىشىش دېلوسى سەۋەبلىك تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

  مىسىر قانۇنىدا: سوتلىنىشنى ساقلاۋاتقان جىنايەت گۇماندارىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى يىل تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مىسىرنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 15-ئاپرېل مىسىرنىڭ قاھىرە نارازىلىق ئەرزى سوتى نامايىشچىقا چىققان ئامىمىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە قارىتا، سابىق پىرېزىدېنت مۇبارەكنى قويۇپ بەردى. ئەمما ئۇ يەنە چىرىكلىشىش دېلوسى سەۋەبلىك داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، دېگەن.

  مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ جاي ۋاقتى 15-ئاپرېل بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. بىراق مىسىر ئۇچۇر مىنىسترلىقى ئۇندىن كېيىنلا، ھازىرغىچە تېخى ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى، دەۋا يەنە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى». بۇندىن بۇرۇن، مۇبارەكنىڭ ئادۋوكاتى يۇقىرىغا مۇبارەك ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان بولسىمۇ ئىزچىل ھۆكۈم چىقىرىلمىغانلىقى سەۋەبلىك نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ھەم سوتتىن مۇبارەكنى قويۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. مىسىر قانۇنىدا ئەدلىيە ئورگىنى جىنايەت گۇماندارى سوتلاشنى كۈتۈپ تۇرۇش جەريانىدا، ئۇنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىككى يىل، سوت مەھكىمىسى ئەھۋالغا قاراپ، تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ دەپ بېتكىتلگەن.

  2011-يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، مىسىردا زور كۆلەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق پائالىيىتى پارتلىدى. شۇ چاغدىكى پىرېزىدېنت مۇبارەك قاتتىق بېسىم ئاستىدا شۇ يىلى فېۋرالدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى ھەمدە ھوقۇقنى ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. كېيىن، مۇبارەك تىنچلىق نامايىشچىلىرىنى باستۇرغان ۋە ئۆلتۈرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى، شۇنداقلا چىرىكلىشىش جىنايىتى بىلەنمۇ ئەيىبلىنىپ، 2011-يىل 4-ئايدا قولغا ئېلىنىپ قامالغان ئېدى.

  2012-يىل 6-ئايدا، قاھىرە جىنايى ئىشلار سوتى مۇبارەكنى ئۆمۈرۋايەت قاماش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. 2013 – يىل 1 – ئايدا، مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە