باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىسلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.04.16 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 سۆھبەتتىن بۇرۇن لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقى دارۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا سىگېرزاردوتېرنى قارىشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: باش مىنىستىر لى كېچياڭ 15-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ئىسلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى سىگېرزاردوتېر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقى دارۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا سىگېرزاردوتېرنى قارىشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى رەھبەر ئىككى تەرەپلىك ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. خەۋەرگە قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدىكى سۆھبىتى ئالتە يىل داۋاملاشقان، بۇ يىل 1-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆەۋتلىك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق سۆھبىتىدە ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالايدىغان ئاساسلىق مەزمۇنلار ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن، بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ھاسىل قىلغان تۇنجى ئەركىن سودا كېلىشىمى، ئىسلاندىيەنىڭ باش مىنىستىرى بۇندىن بۇرۇن بۇ ئابىيدە شەكىللىك كېلىشىم دېگەن.

  320 مىڭ نوپوۇسى بولغان ئىسلاندىيە دۇنيادىكى بايلىقى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى. لېكىن 2008-يىلى ئوشتۇمتۇت يۈز بەرگەن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدە 66 ياشلىق سىگېرزاردوتېر خىرىسقا دۇچ كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ، 2009-يىلى 1-فېۋرال رەسمىي قەسەم بېرىپ، ئىسلاندىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولدى ھەمدە شۇ يىلى 5-ئايدا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى بولدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئىسلاندىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭلى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە