باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2013.04.15 17:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 13-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ. قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى:جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتلەرنى قوللانماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ. ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەر سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئۆز ئارا ئىشەنچ ئورنىتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇراجەت قىلىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭ ئۇچۇن ھارماي تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە