باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

% 88.7 زىيارەت قىلىنغۇچى خوتۇن-بالىلىرىنى چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشتۇرغان ئەمەلدارلار بىرىنچى قول رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالسا بولمايدۇ، دەپ قارىدى

2013.04.16 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەندۇڭنىڭ چىڭداۋ شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى گېڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى، ئەمەلدارلارنىڭ خوتۇن-باللىرىنى چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشتۇرۇشى ئەڭ ئالدى بىلەن مۇنداق ئىككى خىل مەسىلىنى چۈشەندۈرىدۇ: بىرىنچى، ئۇلار ۋەتەننى سۆيمەيدۇ، ۋەتىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشەنمەيدۇ؛ ئىككىنچى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى، مال-مۈلكى چەت ئەلدە بولغانلىقتىن، نەزەرىيە جەھەتتىن ئۇلارنىڭ زېھنىنى دۆلەت ئىچىدىكى خىزمەتكە قارىتالىشى تەس، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ.

  يېقىندا، جۇڭگو ياشلار گېزىتخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش مەركىزى جۇڭگو تورى ۋە سوخۇ تورى ئارقىلىق خەلق رايىنى سىناپ، 3055 ئادەم ئۈستىدىن «سىزنىڭ يېنىڭىزدا خوتۇن-بالىلىرىنى چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويغان ئەمەلدارلار بارمۇ؟» دېگەن تېما ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈشتە، %59.7 ئادەم ئەتراپىدا مۇشۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ بارلىقىنى ئىتىراپ قىلدى.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش شۇكى، راي سىناشتىكى دۆلەت مەمۇرىي خادىمىنىڭ %62.9 ى ئەتراپىدا خۇتۇن بالىلىرىنى چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويغان ئەمەلدارلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئامما خۇتۇن بالىلىرىنى چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ قويغان ئەمەلدارلارغا ئىشەنمەيدىكەن ھەم قوللىمايدىكەن، راي سىناشتىكى %82.6 ئادەم بۇ خىل ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى چىرىكلەشكەن بولۇشى ناتايىن، ئەمما ئۇلار ناھايىتى ئاسان چىرىكلىشىدۇ، دەپ قارىغان.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە