باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەرقىي شىمال رايونىدا تۆۋەن تىمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى داۋاملاشماقتا، جەنۇبنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىدا ھۆل يېغىن بىر قەدەر كۈچلۈك

2013.04.15 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە شەرقىي شىمال رايونىدا تۆۋەن تىمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى داۋام قىلىدىكەن. ئوتتۇرىچە تىمپىراتۇرا بۇلتۇرقى مۇشۇ مەزگىلدىكىدىن 5~3℃ تۆۋەن بولىدىكەن، يەنە كېلىپ قار (يامغۇر)لۇق ھاۋارايى كۆپ بولىدىكەن. قار يېغىن ۋە تۆۋەن تىمپىراتۇرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدىكەن. 16-، 17-كۈنلىرى گۇيجۇنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى ۋە جەنۇبىي رايونلاردا ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، جەنۇبنىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىملىرىدا بولسا قارا يامغۇر ياغىدىكەن. قىسمەن رايونلاردا يەنە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىپ، بوران چىقىدىكەن ياكى مۆلدۈر ياغىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە