باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

H7N9 قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش چىقىمى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ

2013.04.15 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 12-ئاپرېل H7N9 قۇش زۇكۇمى يۇقۇملانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش چىقىمىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جايلاردىن H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمىنى يەرلىكنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسى ۋە كېسەللىكنى جىددىي داۋالاش قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بىمارلارنىڭ داۋالىنىش قۇتقۇزۇش جەريانىدا پەيدا بولغان زور چىقىمغا ئېغىر كېسەللىكلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە كېسەللىكلەر جىددىي داۋالاش قۇتقۇزۇش فوندى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە