چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئاپرېل تەمىنلگەن بۇ سۈرىتىدىن قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ پايتەختى پيۇڭياڭدا، چاۋشيەن خەلق ئاممىسى كىم ئىرسىن بىلەن كىم جۇڭئىلنىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىدا گۈل تەقدىم قىلماقتا. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى چاۋشيەننىڭ مەرھۇم دۆلەت رەئىسى كىم ئىرسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىق خاتىرە كۈنى. گەرچە يېقىندىن بۇيان چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «قۇياش بايرىمى»نى تەبرىكلەش پائالىيىتى نورمال ئېلىپ بېرىلغان، بايرام كۈنىدىكى پيۇڭياڭ شات-خۇراملىق كەيپىياتىغا چۆمگەن.( شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى تارقاتقان)