باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆزلىشىشى ئىيۇلدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزىلىدۇ

2013.04.15 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە جۇڭگو بىلەن جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك سۆزلىشىشىنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىغا قارىتا جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ تۆنۈگۈن كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇ يىل ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى ھەمدە بۇندىن كېيىن مۇۋاپىق ۋاقىتتا 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يۇقىرى قاتلامدىكىلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

  چىن گاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ليۇ يەندۇڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يۇقىرى قاتلامدىكىلەر كېڭىشىشىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسىلىكىنى داۋاملىق ئۆتەيدۇ. مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىچى جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆلىشىشىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باشلىقىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساد سۆزلىشىشى ۋە ئىستراتېگىيىلىك سۆزلىشىشكە ئايرىم-ئايرىم باشلامچىلىق قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە