باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: بوستۇندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى قاتىلنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قولغا چۈشۈرىمىز

2013.04.17 16:35        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 15-ئاپرېل مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، بوستۇندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچى قاتىلنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلاپ تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ھوشيارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  15-ئاپرېل يۈز بەرگەن ۋەقەگە نىسبەتەن ئوباما شۇ كۈنى كەچتە ئاق سارايدا تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

  ئوباما: نۆۋەتتە بوستۇندىكى پارتلاش ۋەقەسىنى كىمنىڭ قىلغانلىقى شۇنداقلا دېلو سادىر قىلىش مەقسىتى نامەلۇم، دېلو يەنە تەكشۈرۈلۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى قولغا چۈشۈرمىگۈچە ئالدىراقسانلىق بىلەن يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ دېدى. لېكىن ئۇ قاتىل چوقۇم قانۇن بويىچە جازالىنىدۇ دەپ تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە