- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


-ئاينىڭ 15-كۈندىكى H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى
2013.04.16 17:01 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرى: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 18دىن 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 18گىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئۈچ يۇقۇملانغۇچى دوكلات قىلىنغان. بۇلارنىڭ بىرى ئەنخۇيدا، بىرى جېجياڭدا، يەنە بىرى جياڭسۇدا.
ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە دوكلات قىلىنغان H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن كېسەل 63كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگىنى 14كە يەتكەن. يۇقۇملانغۇچىلار بېيجىڭ (كېسەل1 )، شاڭخەي (كېسەل 24، ئۆلگىنى 9)، جياڭسۇ (كېسەل 17، ئۆلگىنى 2)، جېجياڭ (كېسەل 16، ئۆلگىنى 2)، ئەنخۇي (كېسەل 3، ئۆلگىنى 1)، خېنەن (كېسەل 2) قاتارلىق 6 ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە تارالغان. نۆۋەتتە يۇقۇملانغۇچىلار تارقاق ھالەتتە بولۇپ، ئادەمدىن ئادەمدىن يۇقۇملانغانلىق ئىسپاتى بايقالمىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە