باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە %53 ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى رەسمىي پېچەتلەندى

2013.04.16 17:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 11 – ئاپرېلغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 136 ئىدارە، ئورۇندىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى رەسمىي پېچەتلەنگەن، پېچەتلىنىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن يۇقىرى بولۇپ، %53كە يەتكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن كۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆتكەن يىلقى تەجرىبىلەر ئاساسىدا، بۇ يىل پېچەتلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ تىپىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلغان، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە ئاپتوموبىل تىپلىرى پېچەتلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن.

  ئۇقۇشىمچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كاتەكچە شەكىللىك يول قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ %50ى پېچەتلەنگەن. بۇ يىلقى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ پېچەتلىنىش ۋاقتى 15 – ئاپرېلدىن 5 – سېنتەبىرگىچە بولۇپ، پېچەتلىنىش ۋاقتى بۇلتۇرقىدىن بىر ئاي ئۇزارتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە