- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013- يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسى 10- مايدىن 12- مايغىچە سانجىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2013.04.16 17:16 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
15-ئاپرېل ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ 2013–يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىى ›› نىڭ 10-مايدىن 12-مايغىچە سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا باغچىلاشقان رايونىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇختەر ئەيسا : بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسى ‹‹ پەن–تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ›› نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كارخانىلىرى ، كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ، سودا كېڭىشىش ، مەھسۇلاتلارنى سېتىش سەھنىسى ھازىرلاپ ، شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىنى باشقۇرۇش ، كېڭەيتىش ، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ . كۆرگەزمە مەزگىلىدە ئىلغار پەن–تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇش يىغىنى ؛ ئىلغار ، قوللىنىشچان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باھالاپ سېلىشتۇرۇش ، يېڭى ماشىنا سايمانلىرى ، يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇش يىغىنى ، يېڭى نەتىجىلەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ، يېڭى ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى نەق مەيدان كۆرگەزمە قىلىش يىغىنى ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ ، دېدى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 20 مىڭ كۋادىرات مېتىر بولۇپ ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار يېزا ئىگىلىك ، ئورمانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن . ھازىرغا قەدەر كۆرگەزمىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 150 دىن ئارتۇق كارخانا تىزىمغا ئالدۇرغان ، 600 دىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئورنىنى تەسىس قىلىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە 6000 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تەسىس قىلىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 2012–يىلى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئومۇمىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى 15 مىليون 697 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 12 ئېشىپ ، 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ، ئاساسلىق زىرائەت تېرىقچىلىقىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى % 81 كە يېتىپ ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان . 2012–يىلى شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغى 1 مىليارد 70 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 18.88 كۆپەيگەن ، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر 29 مىليون 950 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ، ماشىنا سايمانلىرىدىن 131 مىڭ دانە سېتىۋېلىپ ، 79 مىڭ ئائىلىلىكنى بەھىرلەندۈرگەن . 2013-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ئاجراتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى 1 مىليارد 40 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغى نەقلەشتۈرۈلگەن . يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ، يېزا ، كەنت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇستەھكەم ماددىي ئەشيا ئەسلىھەلىرى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە