باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېررى بىلەن كۆرۈشتى

2013.04.16 10:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخى مەزگىلدە تۇرماقتا، يېقىندا، مەن پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن تېلېفونلاشقىنىمدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بىردەك قوشۇلدۇق ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى بېكىتتۇق. مەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەك ۋە يىراق كەلگۈسى نەزىرى بىلەن ئىگىلەپ، ئىجابىي پوزىتسىيە ۋە تەرەققىيات نەزىرى بىلەن سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشقا تۇرتكە بولۇشنى، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ئورتاقلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قىلىش روھى بويىچە ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنىنى ئۆزلۈكسىز تولۇقلاپ، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، كەڭ قۇرساق، بىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ نەپ ئالدىغان يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى يولىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىنى ساقلاپ قىلىشى كېرەك. مەن پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن بولغان باردى كەلدىنى ۋە ئالاقىنى ساقلاشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ يەنە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي سۆزلىشىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتەك يۇقىرى قاتلاملارنىڭ كېڭىشىش قاتارلىق مېخانىزمنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنى ئۆزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، پايدىلىق بەلۋاغلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بىر بىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىقى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم مەسىلىلەردىكى قارشى ئوخشاش ئەمەس، ئىككى تەرەپ جۇڭگو ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىپ، بىر بىرنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە خوجا بولغان ھالدا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ. ئالاقىدار ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زور دەرىجىدە ئارىلىشىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەڭ تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتكە يېتەرلىك بوشلۇق بار. ئىككى تەرەپ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ياخشى ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ئالاقىلىشىش ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىشى، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى بىرلىكتە قوغداش ئۈچۈن تېرىشىشى كېرەك.

  كېررى مۇنداق دېدى: دۇنيا زور تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرماقتا. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ يىراق كەلگۈسى نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سۆزلىشىش، ئۆز ئارا ئېشىنىش، ھەمكارلىشىشنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە