باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساچىر خانىمنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مىراسى(1)

2013.04.17 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى 9 – فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ساچىر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ 17 – ئاپرېل لوندوندىكى ست پائۇل چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، دۆلەت دەپنىسى بويىچە ئەمەس، ھەربىي شەرەپكە ئىگە مۇراسىم بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ساچىر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئىززەت – ھۆرمەت جەھەتتىن دېئاننا خانىش بىلەن ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ئاپىسى ۋالىدەخان ئېلزابىتنىڭكىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى، دېدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت Ⅱبىلەن ئېرى فىلىپىسمۇ ساچىر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن، بۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال، ئايال پادىشاھ ئادەتتە خان جەمەتى بولمىغانلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى ياكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشمايتتى.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 9 – ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە پارلامېنتى بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ ساچىر خانىمغا تەزىيە بىلدۈردى. ساچىر خانىمنىڭ لوندوندىكى ئۆيىنىڭ ئالدى گۈل بىلەن تولدى. لېكىن سول قانات كۈچلەر ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ تەبرىكلەشتى. لوندون پۇل مۇئامىلە رايونىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ساچىر خانىمنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇشى بىلەن كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، پۇل مۇئامىلە رايونىدىكى كوچىلاردا كىشىلەر ساچىر خانىمنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇردى. لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى بىرىنتوندا، «تۆمۈر ئايال» نىڭ رەقىبلىرى كوچىلارغا چىقىپ تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتى، نەچچە يۈز ئادەم «ساچىر خانىمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەبرىكلەيلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ يىغىلىش قىلىشتى. بۇ مەنزىرە شوتلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى گىلاسگاۋدىمۇ كۆرۈلدى. تەبرىكلەش پائالىيىتى يەنە كىچىك كۆلەمدىكى پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلدى، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەخلەت ساندۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ، دۇكانلارنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشتى ھەمدە ساقچىلارغا تاش ئېتىشتى.

【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە