باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساچىر خانىمنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مىراسى(3)

2013.04.17 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» 9 – ئاپرېل ئوبزور ئېلان قىلىپ: ساچىر خانىمنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە ئۇسسۇل ئوينىساق بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا دۆلەت دەپنىسى ئۆتكۈزۈپ بەرسەك تېخىمۇ بولمايدۇ. ساچىر خانىمنىڭ مىراسى جەمئىيەتنى پارچىلاش، شەخسىيەتچىلىك ۋە چېكىدىن ئاشقان نەپسانىيەتچىلىكتىن ئىبارەت. ساچىر خانىم شەخسىيەتچىلىك بىلەن مىللىي دۆلەتنى ئىلاھلاشتۇرۇۋەتتى، دېدى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» «دۆلەتنى پارچىلىۋەتكەن ئايال» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ساچىر خانىمنى ياخشى كۆرىدىغان سودا ساھەلىرىنىڭ داھىيلىرى بىلەن ئۇنىڭ سابىق خىزمەتداشلىرى ئۇنى قەيسەر داھىي، قەتئىي ئېتىقاد ۋە ئىرادە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئاجىز ئىقتىسادىنى جانلاندۇردى، دەپ مەدھىيەلىگىنى بىلەن، ئۇنىڭ سىياسىيسىنىڭ تەسىرى بىلەن مىليونلىغان خەلق ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بىر تېمىممۇ ياش تۆكمىدى. ساچىر خانىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى ئاجىزلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن ئىشسىزلار 3 مىليوندىن ئاشقان.

  بۆلگۈنچىلىك ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىمۇ كۆرۈلدى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش ۋەزىر كامېرون ساچىر خانىمنى تىنچلىق دەۋرىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى، دېگەن. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بىلايېر ساچىر خانىمنى مەدھىيەلەپ ئىنتايىن ئاز ساندىكى رەھبەرلەرلا ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ سىياسىي ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيدۇ، دېگەن. لېكىن شىمالىي ئىرېلاندىيە سېنفېن پارتىيەسىنىڭ داھىيسى ئادامىس ساچىر خانىم باش ۋەزىر بولغان مەزگىلدە ئىرېلاندىيەلىكلەر بىلەن ئەنگلىيەلىكلەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى، دېگەن. ئەنگلىيە «لوس ـ ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى» ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئاقساقىلى، لوندون شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى لىۋىنستونىنىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ساچىر خانىمنىڭ قالدۇرۇپ كەتكىنى تەبرىكلەشكە تېگىشلىك تەجرىبە بولماستىن، ساۋاق بولدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە