باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساچىر خانىمنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى مىراسى(2)

2013.04.17 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ساقچىلىرى 9 – ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئالتە ساقچى كوچىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى توسىمەن، دەپ يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ يارىسى ئېغىر.

  جامائەتچىلىكتىكى بۆلگۈنچىلىك تېخىمۇ روشەن بولدى. ئەنگلىيەنىڭ «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» «ئەنگلىيەنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئايال» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلدى ھەمدە ساچىر خانىمنى «ئانا، خوتۇن، داھىي، سىياسىيون» دەپ تەسۋىرلىدى. خەۋەردە يەنە ساچىر خانىمغا دۆلەت دەپنىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلىندى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» ساچىر خانىمنى «ئىشچى، دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى» دېدى. بۇ گېزىت يەنە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ساچىر خانىم چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتتى، ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئاددىي تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئەگەر ئۇ باش ۋەزىر بولمىغان بولسا، ئەنگلىيە نامراتلىشىپ، ئەركىن دۇنيانىڭ دائىرىسى تېخىمۇ تارايغان بولاتتى، دېدى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە گېزىتى» ساچىر خانىم ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى پوۋېلنىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۇ ھەممىمىزنى ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۈيۈك بېرتانىيە ئىمپېرىيەسى زاۋاللىققا يۈزلىنىشتىن ساقلاندى، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئىپتىخارلىنىدىغان سالاھىيىتى قايتا تىكلەندى، ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنى يەنە بىر قېتىم مۇستەھكەملەندى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە