- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى چاقىرىپ، ئىقتىسادىي خىزمەتتىكى بەش چوڭ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتۇردى
2013.04.18 16:26 مەنبە: خەلق تورى
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 17-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى چاقىرىپ، بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. يىغىن مۇنداق قارىدى: بىرىنچى پەسىلدە خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشىشى مۇقىم، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىش ئورنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق دائىرە ئىچىدە مۇقىملاشتى.
يىغىندا كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇھىم خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى:
1. ئۈنۈملۈك ئىچكى ئېھتىياجنى پائال ئاشۇرۇش.
2. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش. ئۈنۈملۈك تەمىناتنى ئاشۇرۇش.
3. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش.
4. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.
5. يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزى ۋە كىرېدىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان خەۋپ-خەتەردىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە