باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇركۆللۈكلەر ياۋروپا بازىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى

2013.04.18 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇركۆللۈكلەر تۇركۆل قويى بىلەن پەخىرلىنىدۇ، بۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يېقىندا تۇركۆل قوي گۆشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورگانىك يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشىشى بىلەن تېخىمۇ ئاشتى.

  ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ تۇركۆل بازىرى شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، چارۋىچىلىق بىلەن يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. 100 نەچچە كىلومېتىر دائىرىدە سانائەت رايونى بولمىغان بۇ جاي بۇلغىنىشتىن خالىي بولغاچقا، ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى تولۇق ھازىرلىغان.

  10 – ئاپرېل ئاراتۈرك ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئۇقۇشىمىزچە، تۇركۆل بازىرى ئاسىيا بويىچە 2 – چوڭ مۇزلۇق قارلىق مۇزلۇقىغا يېقىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق باقمىچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ جاينىڭ يايلاق كۆلىمى 169 مىڭ 300 گېكتار، تېرىلغۇ كۆلىمى 3667 گېكتار كېلىدىكەن. ئاراتۈرك ناھىيەسى تۇركۆل قوي گۆشىنىڭ باشقا گۆشلەردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، 2004 – يىلى ئېلىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە ناھىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ۋە ئورگانىك يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن.

  ئاراتۈرك ناھىيەسى تۇركۆل قويى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، دېھقان – چارۋىچىلار بىلەن كارخانىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللانغان، بۇنىڭ بىلەن ئاراتۈرك ناھىيەسى تۇركۆل قويى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئاراتۈرك ناھىيەسى «بېيمۇ›› تۇركۆل قويى باقمىچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغان، ئاراتۈرك ناھىيەلىك قارلىق چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بازار ئېچىشقا مەسئۇل بولغان، تۇركۆل قوي گۆشى 2005 – يىلىدىن بۇيان «تۇركۆل» ماركىسى بىلەن بازارغا سېلىنغان، بۇلتۇرقى مەھسۇلات مىقدارى 800 توننا بولغان.

  قارلىق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جيەنخۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، تۇركۆل قويى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھازىر تۇركۆل بازىرى، توخۇلۇ يېزىسى، نىرىنكىر يېزىسىدىكى 800 ئائىلىلىك دېھقان – چارۋىچى ئەزا ئىكەن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كوپىراتىپقا ئەزا ئائىلە 1200 گە يەتكۈزۈلىدىكەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن قارلىق شىركىتى بۇلتۇر مايدا تۇركۆل قوي گۆشىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورگانىك يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان، تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى شۇ يىلى ئۆكتەبىردە بۇ يەردىن ئەۋرىشكە ئالغان. ئەۋرىشكە ئېلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، تۇركۆل قويىنىڭ گۆش سۈپىتىدىن باشقا يەم – خەشەك ئەھۋالى، تۇپراق تەركىبى، مۇھىت قاتارلىقلار ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈلگەن. بۇ يىل تۇركۆل قوي گۆشى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى بولۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورگانىك يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەن، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ھەر يىلى بىر قېتىم بۇ يەردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرىدىكەن.

  ئۇقۇشىمىزچە، قارلىق شىركىتى ياۋروپا ۋە ئەرەب ئەللىرى بازىرىغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش كۆلىمى 220 مو كېلىدىغان يېڭى قۇشخانا سالغان ۋە چەت ئەلدىن ئورگانىك گۆش پارچىلاش، قاچىلاش ماشىنىسى كىرگۈزگەن، بۇ قۇشخانا بۇ يىل ئىيۇلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. چەت ئەلدىن كىرگۈزگەن گۆش پارچىلاش، قاچىلاش يېڭى تېخنىكىسى ئارقىلىق، بىر قوينىڭ گۆشىنى 25 خىل مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن، بۇنداق پىششىقلاشتىن كېيىن، يېرىم كىلوگىرام قوي گۆشى يۇقىرى بولغاندا 500 يۈەنگە سېتىلىدىكەن. قارلىق شىركىتى بۇ يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى 1000 توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە