- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۈنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ دېھقانلار رەسىمى سەنئەت بايرىمى ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى
2013.04.18 08:11
ئىختىيارى مۇخبىرىمى ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋەر قىلىدۇ : تۈنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ دېھقان رەسىمى سەنئەت بايرىمى 11-ئاپرىلدىن 13-ئاپرىلغىچە «جوڭگو دولان دېھقانلار رەسىمى يۇرتى » دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە گۈزەل ماكان - ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيسىدە داغدۇغىلۇق ئۆتكۈزۈلدى .
بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ دېھقانلار رەسىمى سەنئەت بايرىمىنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت يۇرتى ، ئاۋات ناھىيىلىك پارتىكوم ، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، بۇ بايرامنىڭ باش تېمىسى « يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ 18-قۇرۇلتاينى خوشال كۈتۈۋېلىش » تىن ئىبارەت بولدى . بايرام مەزگىلىدە تۈنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ دېھقانلار رەسىمى سەنئەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ، « دېھقانلار رەسىمى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش » دېھقانلار رەسىمى ئىجادىيەت مۇسابىقىسى ۋە دېھقانلار رەسىمى كۆرگەزمىسى ، دېھقانلار رەسىمى مۇھاكىمە يىغىنى ، تەربىيەلەش كۇرسى ، مۇقام ئورۇنلاش ، دولان ناخشا – ئۇسۇلى ۋە يىمەك – ئىچمەك يەرمەنكىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ ، پارتىيە 18-قۇرۇلتېيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ، شىنجاڭ دېھقانلار رەسىمى تەرەققىياتىنىڭ نەتىنجىلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىنىپ ، دېھقان رەسساملارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئۇرغۇتۇلدى ؛ دېھقانلار رەسىمى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ فاڭجىن ، سىياسەتلىرى ۋە يېڭى تەرەققىيات ، يېڭى ئۆزگىرىش ، يېڭى نەتىنجىلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە چۈشەندۈرۈلۈپ ، مەدەنىيەت بىلەن كەسىپنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ دېھقانلار رەسىم سەنئەت بايرىمىدا نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتكەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچى –سىرتىدىن كەلگەن56نەپەر نەپەر دېھقان رەسسام تەقدىرلەندى . بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بەشى ، ئىككىنىچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 15ى ، ئۈچۈنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 20 سى ۋە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتتىن 16سى باھالاپ چىقىلىپ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلاندى .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە