باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بوستوندىكى پارتلاشتا ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 176 ئادەم يارىلاندى

2013.04.17 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 17-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ئامېرىكا يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ 16-چېسىلادىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بوستوندىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ھازىرغىچە ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 176 ئادەم يارىلانغان، قازا قىلغانلار ئىچىدە 8 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىمۇ بار ئىكەن. يارىلانغۇچىلار ئىچىدە جۇڭگولۇق بىر قىز ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ پارتلاش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان جىنايەت گۇماندارىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن.

  بوستون ساقچى تەرەپ مارافون مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ئەتراپىدا ئىككى قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن سىرت، باشقا يەردە پارتلاش ئۈسكۈنىسىنى بايقىمىغانلىقىنى دەلىلىدى. ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى ۋىليام جيەن تاراتقۇلارغا مارافون مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى بومبا پارتلىغانلىقىنى، ئارىلىق ۋاقتىنىڭ نەچچە سېكۇنتلا ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى بومبىنىڭ يول بويىدىكى ئەخلەت ساندۇقى ئىچىگە قويۇپ قويۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ:«روشەنكى، بۇ بىر پىلانلىق ھۇجۇم» دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە