باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇش تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ

2013.04.18 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

  مۇخبىرنىڭ 16-ئاپرېل دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن قۇش تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاش، توشۇش ۋە ئېلىپ سېتىش ھەرىكىتىنى، مۇناسىپ مەمۇرىي ئىجازەت ئىلتىماسى قوبۇل قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا مەملىكەت بويىچە ياۋايى ھايۋانلارداh7n9تىپلىق قۇش زۇكۇمىنى جىددىي نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى نازارەت قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىپ يەنە ئورۇنلاشتۇرغان، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى سەپتە سەييارە قوغداپ نازارەت قىلىشنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ياۋايى قۇشلار مەركەزلەشكەن رايوننى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك، ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش دائىرىسى ھەم كۈچىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى يازلىق قۇشلار، تۇرغۇن قۇشلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى نازارەت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش بىلەن بىرگە شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا ئۆلكىلەرمۇ ھەر دەرىجىلىك ئورمانچىلىق ئاپپاراتلىرىنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى توپلاش خىزمىتىگە تەشكىللىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئورمانچىلىق باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق پەن تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ ئاۋامنى تەبىئەتنى تونۇش، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە بويسۇنۇشتەك ياۋايى ھايۋانلارنى قەدىرلەش، ئىنسانلارنى قەدىرلەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، پەسىل قۇشلىرى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشماسلىق، قالايمىقان تۇتماسلىق، ئىستېمال قىلماسلىققا يېتەكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە