باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان سوتى مۇشاررافنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى

2013.04.19 15:55   مەنبە: خەلق تورى

پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا، ساقچىلار مۇشاررافنىڭ ماشىنىسىنى قوغداپ ماڭدى.
پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا، ساقچىلار مۇشاررافنىڭ ماشىنىسىنى قوغداپ ماڭدى. 

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل ئىسلامئابادتىن بەرگەن خەۋىرى، پاكىستان ئىسلامئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 18-چېسلا ئالدىنقى ئايدا چوڭ سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن سابىق زۇڭتۇڭ مۇشاررافنىڭ كېپىلگە قويۇپ بېرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان ھەمدە ئۇنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.

  ئالىي سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇشارراف سوتقا كېلىپ كېپىللىك قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا بۇ ھۆكۈمنى چىقارغان. ھۆكۈم چىقىرىلغان شۇ ۋاقىتتا، مۇشارراف قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھىماتى ئاستىدا سوت مەھكىمىسى ساقچىلىرىنىڭ قورشاۋىنى بۆسۈپ چىقىپ، قارا رەڭلىك، كۆپ ئىقتىدارلىق ئوق ئۆتمەس پىكاپقا ئولتۇرۇپ تېزلىكتە نەق مەيداندىن ئايرىلغان. (مۇخبىر ياڭ شۈن)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز