باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەھبەرلىرى يائەن لۇشەندىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يوليورۇق بەردى

2013.04.21 08:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: 20-ئاپرېل سائەت 8دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى لۇشەن ناھىيەسىدە 7 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئايرىم ئايرىم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزۇشنى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى بارلىق ئامال چارىلەر بىلەن ئىلمىي قۇتقۇزۇپ، قازا قىلغانلار ۋە يارىدارلار سانىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەر تەۋرەشنى ئۆلچەپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قالدۇق يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ياخشى قىلىپ، ئاپەت بولغان رايوننىىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  باش سېكرېتار شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى بويىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ دەرھال يىغىن ئېچىپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش 1-دەرىجىلىك ماسلىشىش ھەرىكىتىنى باشلاشنى قارار قىلدى، نۆۋەتتە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ھەربى قىسىم، ساقچى قىسىمدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ئاپەت بولغان رايونغا بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە