باۋشىڭ ناھىيەسىدىكى تېلېفون ئالاقىسى ئەسلىگە كەلدى
2013.04.21 14:42 مەنبە: خەلق تورى
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تېلېگراف شىركىتىن ئىگىلىشىچە، 27 سائەتلىك جىددىي جەڭ قىلىش ئارقىلىق، سىرت بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان باۋشىڭ ناھىيەسىدىكى تېلېفون ئالاقىسى ئاخىرى ئەسلىگە كەلگەن، 21-چېسلا سائەت 10:15 مىنۇت ئۆتكەندە، لۇشەندىن باۋشىڭ ناھىيەسىگە تۇتاشقان نۇر كابىل يولى جىددىي ئۇلىنىپ، 11:30 مىنۇت ئۆتكەندە مۇقىم تېلېفون ئالاقىسى ئەسلىگە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېلېگراف شىركىتى باۋشىڭ ناھىيەسىگە جىددىي ئەۋەتكەن ئالاقە ماشىنىسىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سائەت 11:06 مىنۇت ئۆتكەندە تۇنجى تېلېفونننى ئۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە