باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ياردەم بېرىشكە تەييارلاندى

2013.04.21 08:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:سىچۈەننىڭ يائەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن گۇيجۇ، يۈننەن، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار تېردىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ياردەم بېرىشكە ئاتلاندى.

  گۇيجۇ ئۆلكىلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسى 6 كىشىدىن تەشكىللەنگەن نەق مەيدان خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتتى، ئۇلار سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى، ھاياتلىق ئىزدەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ، 20-ئاپرېل سائەت 9دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە سىچۈەندىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئاتلاندى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىدىكى 675 ئوت ئۆچۈرۈش ئوفېتسېر ئەسكىرى، 9 قۇتقۇزۇش ئاپشاركىسى بىر يەرگە يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتمەكتە. ئۇلار ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ، قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا. يۈننەن ئۆلكىسى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەتىرىتىدىكى 50 كىشىنى يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان رايونغا جىددىي ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}