باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ياپونىيە تەرەپنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىش ئەمەس

2013.04.19 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپىرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ شۇ كۈنى ئېچىلغان دائىملىق مۇخبىرلار يىغىنىدا ياپونىيە ئاۋىياتسىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا ئىشقا سالغان ئايروپىلان سانىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆپەيتكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى:«ياپونىيە تەرەپ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ ۋە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ كەلدى، مانا بۇ دياۋيۈ ئارىلى ۋەزىيىتىدە سىجىل داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكنىڭ تۈپ مەنبەسى. جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق. دياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ، جۇڭگونىڭ ئۆز زېمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسى، ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى تولۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىز ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. بىز شۇنداق قارايمىزكى، ياپونىيە تەرەپنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ سەمىمىي بولۇپ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىپ چىقىشتۇر.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە