- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى يۈەنچاۋ سۇدانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى
2013.04.19 16:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ 18-ئاپرېل بېيجىڭدا كېمو باشچىلىقىدىكى جەنۇبىي سۇدان خەلق ئازاتلىق ھەرىكىتى كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. لى يۈەنچاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو جەنۇبىي سۇدان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جەنۇبىي سۇدان بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
جۇڭگو كومپارتىيەسى سۇدان خەلق ئازاتلىق ھەرىكىتى بىلەن ھەر قايسى قاتلامدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي سۇداننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.
كېمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي سۇدان خەلق ئازاتلىق ھەرىكىتى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە