- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شەندۇڭدا كارخانىدىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 9 قېتىم ئاشقان
ئايلىق ئوتتۇرىچە پۇل 2100 يۈەنگە يەتكەن
2013.04.19 15:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپىرىل جىنەندىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىر تۈنۈگۈن شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىگەن: 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شەندۇڭ ئۆلكىسى 2012-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن كارخانىدىن پىنسىيەگە چىقىپ، بەلگىلىمە بويىچە پىنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتىگەن ھەمدە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىشقا باشلىغانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن. بۇ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ 2005-يىلدىن بۇيانقى ئۇدا 9-قېتىملىق تەڭشىلىشى ئىكەن. كارخانىدىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش پۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2100 يۈەنگە يەتكەن. (مۇخبىر پەن جۈنچياڭ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە