- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى بىر خىمىيىۋىي ئوغۇت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى
2013.04.19 16:22
خەلق تورىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر خېمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتى 17-ئاپرېل كەچتە پارتلاپ كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرغىچە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. تېكساس ئىشتاتى ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىدى بۇ قېتىملىق پارتلاشتا «نەچچە يۈز ئادەم يارىلانغان » بولۇشى مۇمكىن دېگەن، نۆۋەتتە قانچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە مۇمكىن بولمىغان.
ئىگىلىنشىىچە، بىر ساناتورىيە بۇ قېتىملىق پارتلاشتا بۇزۇلغان بولۇپ، ياشانغانلار قاپسىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ھازىر نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇۋېتىپتۇ.
مەزكۇر جايدىكى دوختۇرخانا خادىمىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر 66 بىمارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 38 ئادەم ئېغىر يارىلانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە