باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى

2013.04.23 13:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:سىچۈەننىڭ لۇشەندە 20-ئاپرېل 7 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، سىچۈەن تېزدىن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنى جىددىي ، ئىلىمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇردى.

  ئاپەت بولۇپ 20 مىنۇتتىن كېيىن، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ تەستىق سېلىپ، جىددىي ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، دەرھال قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ئاپەت بولغان رايونغا ئەۋەتتى، شۇ جايدىكى كۈچلەرنى دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىشقا تەشكىللىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ ھاياتى مال مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەممىدىن ئۈستىن ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلىدى.

  ئاپەت بولغاندىن كېيىن يېرىم سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۆلكىلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم يائەن شەھىرىنىڭ لۇشەن ناھىيەسىگە ئاتلاندى، ئۇلار يول ئۈستىدە بىر تەرەپتىن ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلدى. ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان لوڭمېن يېزىسىغا كەلگەندىن كېيىن، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇشنى قارار قىلدى، ئۇنىڭ ئاستىدا خەتەردىن قۇتقۇزۇش، داۋالاش، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يول رېمونت، ماددىي ئەشيالارغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى، ئۆلكە رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم بۆلۈنۈپ مەسئۇل بولدى، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلدى. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە قوماندانلىق ئورگىنىنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلەشكەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەشكىللىك قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

  بىرلىككە كەلگەن تەڭشەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، كان قۇتقۇزۇش، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسمى قاتارلىق قۇتقۇزۇش كۈچلىرى يېتىپ بارغاندىن كېيىن، قوماندانلىق ئىشتابى ئۇلارنى ئاپەت ئېغىر بولغان يېزا-بازارلارغا دەرھال ئەۋەتتى، يولدا ماڭغىلى بولمىغاندا ئۇلار پىيادە ماڭدى، بەزىلىرى تىك ئۇچار بىلەن ھاۋادىن سەكرەپ چۈشتى. شۇ كۈنى كەچتە ئاپەت ئېغىر بولغان بارلىق يېزا-بازارلارغا قۇتقۇزۇش كۈچى ئەۋەتىلدى. ھازىر يائەندىكى ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلارغا ئەۋەتىلگەن قۇتقۇزۇش كۈچى 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە يەتتى. 72 سائەتلىك ئالتۇن قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، مىنۇت، سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئاختۇرۇش ۋە ئاممىنى يۆتكەش ئارقىلىق، ئاپەت بولۇپ 20 نەچچە سائەتتە كەنتمۇ-كەنت، ئائىلىمۇ-ئائىلە ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خارابە ئىچىدىن 320 نەچچە كىشى قۇتقۇزۇپ چىقىلدى.

  يارىدار بولغان ئامما ۋاقتىدا داۋالاندى. قۇتقۇزۇش داۋالاش خىزمىتى بىلەن ئاختۇرۇش خىزمىتى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى. 183 داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىلىپ، 10 مىڭ 566 ئادەم قېتىم قۇتقۇزۇلدى، بالنىستتا 1546 كىشى داۋالاندى. چېڭدۇ، يائەن قاتارلىق جايلاردىكى شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلغان ئېغىر يارىدىلار 522 گە يېتىپ، قازا قىلىش نىسبىتى ۋە مېيىپ بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى.

  قاتناشنى جىددىي راۋانلاشتۇرۇش پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلدى، ئاپەت بولۇپ 4 سائەتتىن كېيىن يائەندىن لۇشەنگە بارىدىغان تاش يول ئېچىلدى. ئاپەت بولۇپ 30 سائەتتىن كېيىن باۋشىڭ ناھىيەسىنىڭ قىسمەن يېزا-بازارلىرىدىن باشقا، ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ ئاساسلىق قاتناش غول لىنىيەلىرىدە قاتناش تۇتاشتۇرۇلدى. خەۋەرلىشىش، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەر جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 180 مىڭ ئادەمدىن ئاشتى. ئاپەت بولغان رايوننىڭ جەمئىيەت تەرتىپى چىڭ تۇتۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئاپەت بولغان رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلەر ھەپتىدە دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىد بار. سودا تور نۇقتىلىرى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى پەيدىن پەي تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك خىزمىتى ئوبدان ئىشلەندى، ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى تەربىيە كۈچەيتىلىپ، پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتى ئوبدان ئىشلەندى. ھازىر ئاپەت بولغان رايوندىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى، جەمئىيەت مۇقىم بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە