- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دادا قولى بىلەن خارابىلىكنى كولاپ، 10 ياشلىق ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى
2013.04.23 15:00 مەنبە: خەلق تورى
تۆنۈگۈن 10 ياشقا كىرگەن خۇاڭ شياۋ دوختۇرخانىدا داۋالاندى، دادىسى ئۇنىڭغا ھەمرا بولدى. دادىسىنىڭ قولى ئوغلىنى خارابىلىكتىن كولاپ چىقىرش جەريانىدا يارىلانغان ئىدى.
يەر تەۋرىگەندە خۇاڭ شياڭ بەختكە قارشى خارابىلىك ئارىسىدا قالغان ئىدى. ئۇ خارابىلىكتە 6 سائەت كۆمۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، دادىسى خۇاڭ زوڭمىن قولى بىلەن ئۇنى كولاپ چىقاردى.
قولى بىلەن خارابىلىكنى كولاش جەريانىدا، خۇاڭ زوڭمىننىڭ ئىككى قولى ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندى، پۇتىنى نەچچە يەردىن خىش بېسىۋالدى، شۇ ۋاقىتتا كەنتتىكىلەر ياردەمگە كەلدى.
خۇاڭ شياۋنىڭ تەلىيى كېلىپ ، دادىسى ۋە كەنتتىكىلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىش يولىدا يەنە ياخشى نىيەتلىك دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە شوپۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى.
تۆنۈگۈن سەھەر سائەت 2 ئەتراپىدا، دادىسىنىڭ ھىمايىسىدە، خۇاڭ شياڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن رايوندىن ئېلىپ چىقىلغان تۇنجى يارىدار بولۇپ قالدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە