باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭH7N9تىپلىق قۇش زۇكۇمى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى

2013.04.21 16:17        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئادەمگە يۇقىدىغان H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمى يۇقۇمى بايقالغاندىن بۇيان،جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. جايلار ۋە تارماقلاردىن ئىجابىي تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش،كونترول قىلىشنى نەزەردە تۇتۇپ، شى جىنپىڭ 19-ئاپرېل يەنە بىر قېتىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ۋە تارماقلار جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم. يۇقۇم بايقالغان رايونلاردا بىمارلارنى قۇتقۇزۇش داۋالاشنى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ، كېسەللەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللارنى تىرىشىپ ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە كۆزىتىش، تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، تارقىلىش مەنبەسىنى قاتتىق تىزگىنلەش لازىم. تارقىلىشچان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ساۋاتلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زورايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاڭلىق ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، پەن تېخنىكا مەدىتى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش داۋالاش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تېرىك قۇشلار ۋە قۇش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، باشقۇرۇش، يۆتكەش، تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، بازار تەمىناتى، ئاھالىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تازىلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى توغرا ئېلان قىلىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. كىشىلەرنىڭ دىققىتى زېھنىنى پارتىيە 18 –قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  ھازىر ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تېخىمۇ قوللىنىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە