باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئالىم قەلبداشلار كاۋاپخانىسى»نىڭ 2-دۇكىنىدا 18-ئاپرېل تىجارەت باشلاندى

2013.04.22 14:00   مەنبە: خەلق تورى

«ئالىم قەلبداشلار كاۋاپخانىسى»نىڭ 2-دۇكىنىدا  18-ئاپرېل تىجارەت باشلاندى

  شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ نۇەننۇەن دەنكۈننىڭ سۈرەتلىك خەۋىرى) «كېلىڭلار، ھەر بىر زىخ مېزىلىك كاۋاپ ئارقىلىق سۆيگۈمىزنى يەتكۈزەيلى!» 18-ئاپرېل، لوندون ئو ت م مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس، «ساخاۋەتچى كاۋاپچى» ئالىم ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، قاراماي غەربىي يولىدا يېڭىدىن ئىچىلغان «ئالىم قەلىبداشلار كاۋاپخانىسى»دا تىجارەت باشلانغانلىقىغا مەدەت بەردى. شۇ كۈنى، ئالىم ئۆز قولى بىلەن كاۋاپ پىشۇردى ۋە سىناق تىجارەت مەزگىلىدىكى 10 مىڭ يۈەن كىرىمنىڭ ھەممىسىنى جامائەت پاراۋانلىق فوندىغا ئىئانە قىلدى.

  «ئالىم قەلبداشلار كاۋاپخانىسى»نى شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى ئىدارىسى، قاراماي ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەك ـ ئىچمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش چەكلىك شىركىتى ئالىم بىلەن بىرلىكتە ئىنچىكە پىلانلىغان بولۇپ، بىرلىكتە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى بەرپا قىلغان. 2012-يىلى 6-ئاۋغۇست، تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان تۇنجى «ئالىم قەلىبداش كاۋاپخانىسى»دا تىجارەت باشلانغان ئىدى. 18-ئاپرېل تىجارەت باشلىغان قاراماي غەربىي يولىدىكى «ئالىم قەلبداش كاۋاپخانىسى» بولسا ئۇنىڭ 2-كاۋاپخانىسى.

  شۇ كۈنى، ئەتىگەندىلا پائالىيەت نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن ئالىم لوندون ئو ت م مەشئىلىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرنى كۆرۈپلا مۇخبىر بىلەن ئىككى ياخشى خەۋەرنى ئورتاقلاشتى: بىرىنچىسى: ئايالى ھامىلدار بولغىلى ئىككى ئاي بولغان بولۇپ، ئۇ ھازىر دادا بوپتۇ. ئىككىنچىسى: ئالىم قەلبداش كاۋاپخانىسىدىن يەنە بىرى كۆپىيىپ ئۇنىڭ ئارزوسىغا يېتىش قەدىمى يەنىمۇ يىقىنلىشىپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تاپقان پۇللىرى ئارقىلىق سەرگەردان بالىلار مەكتىپىدىن بىرنى قۇرماقچى ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

     تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن 10 مىڭ كىشى ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ
    ·پۇتىن : رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان كېلەر يىلى ئافغانىستانغا ياردەم بېرىدۇ 
    ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كان تەكشۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى
    ·قىرغىزىستان شىنجاڭنىڭ كوكىس كۆمۈرى تاۋلاش بازىرىنى نىشانلىدى 
    ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات ئۆمىكى ئالاھىدە چوڭ نەتىجىگە ئېرىشتى
    ·قىرغىزىستان پايتەختىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى
    ·يېڭى ئۇقۇم ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىسى 10 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردىن يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى
    ·بېيجىڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا دائىر ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى،  10 تۈردىكى ئوقۇ…
    ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىك قوللانمىسى تارقىتىلدى