باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن : ھەر قايسى ئورۇن ، تەشكىلاتلار تەستىقتىن ئۆتمەي تۇرۇپ ۋاقتىنچە ئاپەت رايونىغا بېرىشقا بولمايدۇ

2013.04.23 08:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
  سىچۈەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى

  شىنخۇا تورى بېيجىڭ 21-ئاپرېل تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 21-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سىچۈەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى : 20-ئاپرېل ، سىچۈەن ئۆلكىسى يائەن شەھىرى لۇشەن ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرىدى . نۆۋەتتە ، قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ، يارىدارلارنى داۋالاش ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى . بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش دەريا ساھىلى بەلبېغىدا يۈز بەرگەن بولغاچقا ، بوشلۇق ئىنتايىن چەكلىك ، يوللار تار ، قاتناش قولايسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق قالدۇق يەر تەۋرىگەچكە ، ئەگەر نۇرغۇن خادىملار ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلسە ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ، تېز ، ئىلمىي ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلدۇق :

  بىرىنچى ، ھەر قايسى ۋىلايەت ، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ، ھەر قايسى ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەستىق ئالماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە خىزمەتچى خادىملارنى ۋاقتىنچە ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىشنى ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەك . ئاپەت رايونىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ .

  ئىككىنچى ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەر ئىئانە يىغىشنى خالىسا ، پۇل ئىئانە قىلىشنى ئاساس قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . بۇ ئارقىلىق نۇقتىلىق ھالدا ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇش ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئۇزاققىچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ .ئىئانە قىلىنغان ماددىي ئەشيا ۋە ئەسلىھەلەرنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەڭشەپ ، تەشكىللىك ھالدا ئاپەت رايونىغا يۆتكەيدۇ .

  ئۈچىنچى ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ، پىدائىيلار ، ساياھەتچىلەر قاتارلىق ھەر ساھەدىكى ئامما ھازىرقى باسقۇچتا ئۆز ئالدىغا ئاپەت رايونىغا بېرىشىغا بولمايدۇ .

  تۆتىنچى ، سىچۈەن ئۆلكىلىك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قۇتقۇزۇش–ياردەم بېرىش كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ، ماسلاستۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە