سىچۈەن يائەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن جەمئىيەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاپەت بولغان رايونغا ياردەم بېرىشنى باشلىۋەتتى. باي ناھىيەلىك «تەبەسسۇم كىرا ئاپتوموبېل شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى دىلشات ھەسەن 1500 دانە نان، 5 توننا گۈرۈچ، 2 توننا ئۇن، بىر توننا يېمەكلىك ياغ، نان سېتىۋېلىپ، ئاپەت رايونىغا ئاپىرىپ بېرىشكە تەييارلاندى. ئۇلار يەنە ئاپەت بولغان رايونغا بېرىپ، ئۇلارغا پولۇ ئېتىپ بەرمەكچى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ ياردەم ئەترىتى مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە يولغا چىقىدىكەن.(ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ:)