باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ياشلار كوماندىسى جوڭگو پۇتبول جەمئىيىتى لوڭقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە توختاپ قالدى

2013.04.25 08:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. توشىبا جوڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى چۇڭچىڭ نەنچۇەن تەنتەربىيە مەركىزىدە ساھىپخان كوماندا چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ، 1:4نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، شاللىنىپ كەتتى.

  ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتتا چۇڭچىڭ لىفەن كوماندىسىدىن شۈ شىياۋبو سول تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ پاس بەردى، جاڭ چىمىڭ ئوتتۇرا يولدىن كىرىپ مۇسابىقىدىكى بىرىنچى توپنى كىرگۈزدى، 28-مىنۇتتا، جاڭ چىمىڭنىڭ قاپقىغا ئۈسسىگەن كاللا توپى توسىۋىتىلدى، ۋاڭ ۋىيچىڭ بۇ توپنى كىرگۈزۈپ نەتىجە 2:0 بولدى.45-مىنۇتتا جاڭ چىمىڭ ئوتتۇرا مەيداندا توپ ئېلىپ ، بۆسۈپ كىرىپ، يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ ۋاقىتتا، شىنجاڭ كوماندىسى 0:3نەتىجە بىلەن كەينىدە قالدى ، كىيىنكى يېرىم مەيداننىڭ 76-مىنۇتىدا چۇڭچىڭ كوماندىسىدىكى 12-نومۇرلىق ماھىر شۈ شىياۋبو چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپ كىرگۈزدى .

  82-مىنۇتتا چۇڭچىڭ كوماندىسى ۋە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى قىزىل كارتا يەپ چۈشۈپ كەتتى . مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن 8-نومۇرلۇق ئەلىجان بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 4:1 قىلدى.

  شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسسى تارىخىدىكى تۇنجى قىتىملىق مۇسابىقە نەتىجىسى 2-ئايلانمىدا توختاپ قالدى. (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز توختى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە