- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو دېڭىز تەكشۈرۈش ئەترىتى ياپونىيە كېمىسىنى ئوڭۇشلۇق قوغلاپ چىقاردى
2013.04.24 16:38 مەنبە: خەلق تورى
جۇڭگو دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ بەرگەن خەۋىرى: 23-ئاپرېل سائەت 10 ئەتراپىدا، جۇڭگو دېڭىز تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش بېسىمى ئارقىسىدا، ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق كېمىلىرى دياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن بىر-بىرلەپ چىقىپ كەتتى. جۇڭگو دېڭىز تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش ئەترىتىنىڭ ھوقۇق قوغداش-قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى ياپونىيە ئوڭقانات كۈچلىرىنىڭ قەستىنى ئوڭۇشلۇق بىتچىت قىلدى.
نۆۋەتتە جۇڭگو دېڭىز تەكشۈرۈش كېمە ئەترىتى دياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزىدا تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ياپونىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ دياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن تارتقان سۈرەتلىرىدىن قارىغاندا، جۇڭگو دېڭىز تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ 66-نومۇرلۇق پاراخوتى دياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزدا تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەكتە، 66-نومۇرلۇق پاراخوتنىڭ سول تەرىپىدىكىسى ياپونىيە دېڭىزدا ئامانلىق ساقلاش نازارىتىنىڭ كېمىسى، سول ئوڭ تەرىپىدىكىسى ياپونىيە ئوڭقانات كۈچلىرى ئولتۇرغان بېلىقچىلىق كېمىسى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە