باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قىممەتلىك 72 سائەتتە 150 نەپەر ھايات قالغۇچىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى

2013.04.24 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ تۆنۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈشكە قوماندانلىق قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، قۇتقۇزۇش خىزمىتى 23-ئاپرېل سائەت 8 گىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى لۇشەن 20-ئاپرېلدىكى يەر تەۋرىگىنىگە ئۈچ كۈن بولغان بولۇپ، مۇشۇ قىممەتلىك 72 سائەتتە، ج خ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم قۇتقۇزۇش جېڭىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ئاپەتتە قاپسىلىپ قالغان 165 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە 150 ئادەم ھايات بولۇپ، 6976 ئادەمنى يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرغان.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ج خ مىنىستىرلىقى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى دەرىجىلىك ماسلىشىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، سىچۈندىكى يەر تەۋرەش رايونىدىكى ئالدىنقى سەپكە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، جەڭ قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ج خ مىسنىتىرلىقى چۇڭچىڭ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىدىكى 224 نەپەر ئوفېتسىر-ئەسكەر، 46 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، بەش قۇتقۇزۇش ئاپشاركىسىنى يۆتكەپ، يەر تەۋرىگەن ئاپەت رايونىغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش جېڭىگە ياردەم بەرگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە