- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدىكى خەير ـ ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغان ئىئانە بۇيۇملىرىنىڭ قىممىتى 3 مىليۇن يۈەندىن ئاشتى
2013.04.24 14:37 مەنبە: خەلق تورى
23-ئاپرېل، شىنجاڭ خەير ـ ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سائەت 20:00گىچە، شىنجاڭ خەير ـ ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغان ئىئانە بۇيۇملىىرنىڭ قىممىتى 3 مىليۇن 1307.1 يۈەنگە يەتكەن.
23-ئاپرېل، سائەت 20:00گىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرىست جەمئىيەتلىرىنىڭ توپلىغان ئىئانە پۇلى 494 مىڭ 56.33 يۇەن بولغان. 20-ئاپرېل سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يائەن شەھىرىدە 7.0 بال يەر تەۋرىگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرىست جەمئىيەتلىرىنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغان ئىئانە بۇيۇملىرىىنىڭ قىممىتى 2 مىليۇن 996 مىڭ 134.53 يۈەنگە يەتكەن.
23-ئاپرېل، سائەت 18:30غىچە، بىڭتۇەن خەير ـ ساخەۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ شۇ كۈنى توپلىغان ئىئانە پۇلى 16 مىڭ 929.4 يۈەنگە يەتكەن، 22-ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە بىڭتۇەن خەير ـ ساخەۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ توپلىغان ئىئانە پۇلى 55 مىڭ 497.3 يۇەنگە يەتكەن.
23-ئاپرېل سائەت 19غىچە ئۈرۈمچى خەير ـ ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ شۇكۇنى توپلىغان ئىئانە پۇلى 51 مىڭ يۇەنگە يەتكەن. 20-ئاپرېلدىن بۇيان، جەمئىي توپلىغان ئىئانە پۇلى 297 مىڭ 884.1 يۈەن بولغان.
23-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ياشلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 23-ئاپرېل سائەت 18:04كە قەدەر، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى جەمئىي 61 مىڭ 200 يۈەن ئىئانە پۇلى تاپشۇرۋالغان.
23-ئاپرېل، چۈشتىن كىيىن، شىنجاڭ خۇايۈەن ئوقەتچىلىك (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى ئاپەت رايونىدىكى خەلققە بولغان چوڭقۇر ھېسسياتى بىلەن، سىچۇەن يائەندىكى ئاپەت رايونىغا 1 مىليۇن يۈەن ۋە قىممىتى 1 مىليۇن يۈەنلىك دورا ئىئانە قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەنبە: خەلق توى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە