باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتى فرانسىيەدە زىيارەتتە بولدى

2013.04.24 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 13-تۈركۈم دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتى تۈنۈگۈن فرانسىيەنىڭ تولون پورتىغا يېتىپ باردى ھەمدە فرانسىيەدىكى بەش كۈنلۈك دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى.

  زىيارەت مەزگىلىدە، دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ قوماندانى، گېنېرال مايور لى شياۋيەن فرانسىيە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونىنىڭ قوماندانى داننىي، دېڭىز يۈزى پاراخوت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى كوئىندورو قاتارلىق فرانسىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە تولون شەھىرىنىڭ باشلىقى فالكو بىلەن كۆرۈشتى. دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى فرانسىيەنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى بىلەن بىرگە بىر بىرىنىڭ پاراخوتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ۋاسكېتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى ھەمدە يەرلىكتىكى دارىلئېتامغا بېرىپ ھال سورىدى.

  23-ئاپرېل جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىق خاتىرە كۈنى. دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئەترىتى شۇ كۈنى كەچتە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ فرانسىيەدىكى ئەمەلدارلىرى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى تەكلىپ قىلىپ بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە