باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۇشەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ 4-كۈنى

قۇتقۇزۇش داۋاملاشماقتا، ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى

2013.04.24 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-ئاپرېل سائەت 12گىچە، 20-ئاپرېل لۇشەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 1 مىليون 990 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يائەن شەھىرىگە قاراشلىق 8 ناھىيە ۋە رايوندىن 970 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 173 ئادەم قازا قىلغان، 22 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 186 مىڭ ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  پۈتۈن ئۆلكە بويىچە قۇتقۇزۇپ داۋالانغان يارىدار 14 مىڭ 818 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇلاردىن 5985 ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىنغان، 4497 ئادەم دوختۇرخانىدىن چىققان، 794 يارىدار ئۆلكە، شەھەرلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكىتىلگەن. 183 داۋالاش ئەترىتى، 1799 نەپەر تېببىي خادىم ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىلگەن، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى 4550 قېتىم ئىشقا سېلىنغان. 589 مىڭ 100 كىۋادرات مېتىر دائىرە يۇقۇمدىن مۇداپىيەلىنىش-دېزىنفېكسىيەلەش يولغا قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 486 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر دائىرە يائەن تەۋەسىدە.

  «72 سائەتلىك ئالتۇن ۋاقىت»نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ لۇشەندە تەسىس قىلىنغان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق بۆلۈمى

  جىددىي قۇتقۇزۇش ئومۇمىي تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قۇتقۇزۇش كۈچى ھەممە يەرگە يەتكۈزۈش، تولۇق قاپلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپەت رايونىدىكى يوللارنىڭ راۋان بولۇشىغا كۈچىنىڭ بارىچە كاپالەتلىك قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 23-ئاپرېل سائەت 8گىچە، ج خ ئوت ئۆچۈرۈش قىسمى خەتەرگە ئۇچراپ قاپسىلىپ قالغان 165 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە 150 ئادەم ھايات قالغان. يەنە 6976 ئادەمنى بىخەتەر جايغا يۆتكىگەن ۋە تارقاقلاشتۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە