باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە پىرېزىدېنتى: پەلەستىنگە تۇنجى باش ئەلچى ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم

2013.04.24 16:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل 22- ئاپرېل ئىستانبۇلدا مۇنداق دېدى: تۈركىيە پەلەستىندە تۇرۇشقا تۇنجى قېتىم باش ئەلچى ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

  ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ تۈركىيەدىن ئۆگىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئابدۇللا گۈل مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنگە كۆزەتكۈچى دۆلەتلىك سالاھىيىتى بەرگەندىن كىيىن، تۈركىيە پەلەستىنگە باش ئەلچى ئەۋەتىپ پەلەستىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇ، باشقا دۆلەتلەرنى تۈركىيەدىن ئۆگىنىپ پەلەستىنگە باش ئەلچى ئەۋەتىپ، پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  ئابدۇللا گۈل يەنە پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا مىللىي يارىشىشىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە