- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت مەكتىۋىدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» خاتىرلەندى
2013.04.24 15:57 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
23-ئاپرىل كۈنى 18-قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇن كۈتۈپخانىدىكى خادىملار شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىۋىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئۇلار ئىككى مىڭ خىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە نادىر كىتابلارنى بازارغا سېلىپ، باھادا ئېتىبار بېرىش، كىتاب سوۋغا قىلىش، زېھىن -سىناش، تېپىشماق تېپىش ئارقىلىق گۈل سوۋغا قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە كىتابخۇمار ئاتا-ئانىلارنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇن كۈتۈپخانىسىنىڭ پارتكوم سېكىرتارى ئەركىن مۇھەممەت سەنئەت مەكتەپ بوسۇغۇسىدا خالىس كىتاب ئوقۇش گۈللۈكى تەسىس قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەخلاق-تەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىززەت ئابدۇراخمانغا 2420 يۈەن قىممىتىدىكى كىتابنى ھەقسىز تەقدىم قىلدى.
بۈگۈنكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ مەسئۇلى راھىلە ئىسمايىل بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:-ئۇيغۇرلار ئاساسەن تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان شۇڭا بىز شۆبە كۈتۈپخانىنى شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت شۆبە مەكتىۋىگە ئورۇنلاشتۇردۇق، مەقسىتىمىز ئومۇم خەلقنى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش، كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەخسەت قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە