خەلق تورىنىڭ 23-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. جۇڭگونىڭ كىنىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دەلىللىشىچە، بىر نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى 21-ئاپرېل كەچتە، كىنىيەدىكى داڭلىق ساياھەت رايونى ناۋاشادا بېگېموتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغان.
ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، بۇ شاڭخەيدىن كەلگەن ئايال ساياھەت ئومىكىگە قاتنىشىپ، كىنىيە پايتەختى نايروبىدىن 90 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناۋاشا كۆلىدە تاماشا قىلىۋاتقان ئىكەن. 21-ئاپرېل كەچتە، ئۇ مېمھانخانىدا كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، ياتاققا قايتىش يولىدا بېگېموتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بۇ ساياھەتچى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن قازا قىلغان.
نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ كىنىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قازا قىلغۇچىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كىنىيەگە كېلىپ ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە ئالاقىلاشماقتا.
مەنبە: خەلق تورى